سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئەسلى ئاساسى 1959 - يىلى قۇرۇلغان سانجى پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، 1985 - يىلى
مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىنستىتۇتى (1981 - يىلى قۇرۇلغان) بىلەن
بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدۇ. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو ئەدەبىياتى، سىياسەت، ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە،
سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق سەككىز فاكۇلتېت، 17 كەسىپ، 15 فىزىكا - خىمىيەتەجرىبىخانىسى بار. مەكتەپ يەنە كومپيۇتېر مەركىزى،
ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش مەركىزى، تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 210000
پارچىدىن ئارتۇق. <سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم ئىلمىي ژۇرنىلى>، <سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم گېزىتى> نى نەشىردىن چىقىرىدۇ.
مەكتەپ شتاتى 267. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 180 نەپەر (پروفېسسور بەش نەپەر، دوتسىنت 93 نەپەر، لېكتور 88 نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى
33 نەپەر)، ئوقۇغۇچى سانى 2200 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.