UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى چوڭلار مائارىپى - يىلى قاراماي شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپتە قۇرۇلغان. 1986 - يىلى 9 - ئايدا ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. بۇ مەكتەپ قاراميا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىرلەشمە مەكتەپ بولۇپ، خەنزۇ، مىللىي ئارىلاش دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى. 1996 - يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارامايا شۆبە مەكتىپى، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاراماي شۆبە مەكتىپىنى قۇرغان. 1998 - يىلى جۇڭگو خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى قاراماي تەربىيىلەش سىناق مەركىزىي تەسىس قىلىنغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپى تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، قاراماي شۆبە مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ قاراماي تەبىئىي، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدرىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 740000 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبە بىناسى، سەنئەت بىناسى، تەنتەربىيە سارىيى، دوكلار بېرىش زالى، كۇتۇپخانا بىناسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. ئادەتتىكى ئوقۇتۇش بىلەن مەخسۇس ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 100000 غا بارىدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچىلار سانى 95 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 18 نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 48 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 822 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki