UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك رەڭلىك مېتال سانائەت مەكتىپى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك رەڭلىك مېتال سانائەت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ يەنە ئۈرۈمچى ئالتۇن سانائىتى مەكتىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سابىق جۇڭگو رەڭلىك مېتال سانائىتى باش شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدا تەسىس قىلغان بىردىنبىر ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپ. 1986 - يىلى قۇرۇلغان، ھازىر بۇ مەكتەپتە رەڭلىك مېتال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىمالىي جۇڭگو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭلار مائارىپ شۆبىسى، كۈنمىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى. جېجياڭ ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومىنىڭ سىرتتىكى ئوقۇش پونكىتى تەسىس قىلىنغان. ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ قاتلاملىق مەكتەپ ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلگەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ئىشلىرى ئەتراپلىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى لاياقەتلىك، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ئەلا بولۇپ باھالانغان. 1996 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلى <2+3> ئالىي تېخنىكوم سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 152514 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 38000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كان قىدىرىش، كان تاللاش قۇرۇلۇشى، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش، ئانالىز خىمىيىسى، رەڭلىك مېتال تاللاش، ئېلېكترو ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئىشخانائاپتوماتلاشتۇرۇش، كەپشەرلەش ھۈنىرى ۋە ئۈسكىنىسى، كومپيۇتېر قوللىنىش، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماھارىتى، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان ھەمدە 32 كەسپىي تەجرىبىخانىسى، تەجرىبە زاۋۇتى قۇرغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 65187 پارچە. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 190 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 2050 نەپەرگە يېقىن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى