UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى پېداگوگىكا مائارىپى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. 1934 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەكتەپ ئورنىنى تۆت قېتىم يۆتكىگەن. 1939 - يىلى ئاقسۇ يېزىلىق شەرقىي دەرۋازىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ھويلىسىغا كۆچۈپ كىرگەن. 1946 - يىلى 7 - ئايدا ئونسۇ ناھىيىسىگە كۆچكەن. 1972 - يىلى ۋىلايەتلىك خوڭچىيو دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچكەن. 1983 - يىلى 3 - ئايدا ھازىرقى ئورۇنغا كۆچۈپ كەلگەن. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 25180 كۋادرات مېتىر. توققۇز كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 36 ئوقۇتۇش سىنىپى بار. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بىر ئادەم مائارىپقا ئائىت بىر پارچە ئەسەر نەشىر قىلدۇرغان. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1439 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر 228 نەپەرگە، مەخسۇس كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 120 نەپەرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك لېكتور 13 نەپەرگە يەتكەن. 1999 - يىلغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئارتۇق.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى