UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى چوڭلار مائارىپى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاقسۇ مائارىپ يولى 15-نومۇردا قۇرۇلغان. 1985-يىلى 9-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىگە بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1999 -يىلى 9-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىگە بىرىبچى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1991-يىلى 9-ئايدا دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ، ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى تۆت لاياقەتلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىرى بولۇپ رەسمىي بېكىتىلگەن. باشقارما دەرىجىلىك ئورۇن، مەمۇرىي جەھەتتە ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. مەزكۇر مەكتەپ ئاقسۇ ۋىلايەتتىكى بىردىنبىر مۇنتىزىم چوڭلار ئالىي تېخنىكۇم مەكتىپى بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىلايەت ۋە جەنۇبىي مۇنتىزىم چوڭلار ئالىي تېخنىكۇم مەكتىپى بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىلايەت ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش ۋەزىپىلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتە ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە سىياسىي مائارىپ، خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، باشلانغۇچ مائارىپى قاتارلىق 13 خىل پېداەوگىكا كەسپى تەسىس قىلىنغان. <2+3> تۈرىدىكى كەسىپلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا جگمئىيەتكە يۈزلىنىپ سودا، كاتىباتلىق، بوغالتىرلىق مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىنى ئاچقان. مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن 2080 نەپەر تەربىيىلىگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش، يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش، كومپيۇتېر ئىش ئورنى تەربىيىلىشى قاتارلىقلاrنى ئېلىپ بارغان. ۋىلايەتلىك خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى نۇقتىسى، ئورتاق تىل سەۋىيە ئۆلچەم نۇقتىسى قاتارلىقلار بۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 122666 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب سانى 1.5 تۈمەن پارچە. مەكتەپ شتاتى 167، 1999-يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 72 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 447 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki