UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈچ خىل مائارىپنى تەڭ پىلانلاش

ئۈچ خىل مائارىپنى تەڭ پىلانلاش

شىنجاڭ مائارىپى چوڭلار مائارىپى يېزىلارنىڭ ئاساسىي مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبىسىنىڭ مۇھىم مەزمونى، ئۈچ خىل مائارىپقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مەنىسى بولسا: يېزا ئاساسىي مائارىپى، كەسپىي - تېخنىكا مائارىپى، چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويۇش بولۇپ، پەقەتلا مەلۇم بىرخىل مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئەمەس، مۇۋاپىق قۇرۇلمىسى بولۇش، ئۇلارنى تەبىئىي تەرەققىي قىلىشقا قويۇۋەتمەسلىك، شۇجاينىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ھالدا مائارىپ قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ئۈچ خىل مائارىپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ بىرلىككە كەلگەن كۈچ ھاسىل قىلىپ، بىر - بىرىنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 1987 - يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تۇرپان شەھىرى، بۈگۈر ناھىيىسى، فۇكاڭ ناھىيىسى قاتارلىق يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبە ناھىيىلىرىدە ئۈچ خىل مائارىپىقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇردى، يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئىككىنچى قارار قۇرۇلۇشى 16 ناھىيە، شەھەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئۈچ خىل مائارىپنى تەڭ پىلانلاش | UyghurWiki | UyghurWiki