UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ جۇڭگوچە داۋالش ئىنستىتۇتى، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى 1956 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان. مەملىكىتىمىزنىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانىدىكى 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى. ئىككى ئىنستىتۇت بىرلىشىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئىككى دوكتۇرلۇق نۇقتىسى، 28 ماگىستىرلىق نۇقتىسى، ئۈچ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن بار بولۇپ، كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئىلغار ئوقۇتۇش، تەتقىقات، داۋالش ئۈسكۈنە ئەسلىھەلىرىگە ئىگە ئىدى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان نەچچە10 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى مەملىكەت، مىنىستىر دەرىجىلىك، كومىتېتى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ھەرقايسى تارماق دوختۇرخانىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى داۋالاش ۋە گېن، يىلىك كۆچۈرۈش، بۆرەك كۆچۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە مەملىكەتلىك ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە قاپلىق قۇرت كېسەلىكىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى ۋە ئارسىندىن زەھەرلىنىشنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇھىم ئىلمىي ئورۇنغا ئىگە. ئىنستىتۇت قۇرۇلۇپ 42 يىلدىن بۇيان جەمئىيەت ئۈچۈن، دوختۇر، ماگىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش خادىملىرىدىن 17810 ئادەمنى تەربىيىلەپ چىقارغان. شىنجاڭ جۇڭيىچە، داۋالاش ئىنستىتۇتى 1985 - يىلى ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيىچە داۋالاش مەكتىپى، جۇڭچىيە داۋالاش دوختۇرخانىسى ۋە جۇڭيىچە داۋالاش تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى زور بىر تۈرۈكم نوپۇسلۇق جۇڭيىچە داۋالاش ۋە جۇڭيىچە غەرپچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر يىغىلغان ئورۇن بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش، داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقاتنى بىر گەۋدە قىلغان ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلگەن. تولۇق، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىدىكى كەسپىي ئونۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنغان. جۇڭيىچە داۋالاش، جۇڭيىچە قۇرۇق يىڭنە بىلەن داۋالاش، جۇڭيىچە دورا، ئالىي سىستېرالىق قاتارلىق تۆت مەخسۇس كۇرس كەسپىي تەسىس قىلىنغان. جۇڭيىچە داۋالاش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جۇڭيىچە، غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرگەن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، قۇرۇق يىڭنە ۋە مېدىتسىان قەدىمكى مەدەنىيتى كەسىپولىرىدە ماگىستىر، ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرگەن. 1961 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ جۇڭيىچە داۋالاش ئىنستىتۇتى (مەكتەپ) جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئۈچۈن تەربىيىلەپ چىقارغان ئىختىساسلىق خادىملار 4721 نەپەرگە يەتكەن. 1998 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ جۇڭيىچە داۋالاش ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان، 1998 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى رەسمىي ۋىۋىسكا تاختىسىنى ئاسقان، باش شۇجى جياڭ زېمىن ئۆز قولى بىلەن شىنجاڭ تېببىي نامىنى يېزىپ بەرگەن، مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 525745 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى كۆلىمى 212142 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ ئورمان بەرپا قىلىپ كۆركەرتىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن. مەكتەپ شتاتى 1343. بۇ مەكتەپتە بەش ئىنستىتۇت بار. يەنى جۇڭيىچە داۋالاش ئىنستىتۇتى، كىلىنكىلىك داۋالاش ئىنستىتۇتى، ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇى، دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى، چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى، ئۈچ بۆلۈم: تېببىي ئاساسىي ئىلىم بۆلۈمى، فىلولوگىيە بۆلۈمى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش بۆلۈمى، ئىككى فاكۇلتېت: جۇڭيىچە داۋالاش ئىچكى كېسەللىكلەر فاكۇلتېتى ۋە يىڭنە بىلەن داۋالاش سۆڭەك كېسەللىكلىرى فاكۇلتېتى، بەش شۆبە داۋالاش ئاپپاراتى، ئىككى شۆبە سېستىرا مەكتىپى ۋە ئىككى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى بار. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 5289 (بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تېخنىك خادىملار 4188 نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىك خادىملار 654 نەپەر) نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 7407 (بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 3272 نەپەر، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 729 نەپەر، دوكتۇر، ئاسپىرانتلار 23 نەپەر، ماگىستىر ئاسپىرانتلار 209 نەپەر، ھەر تۈرلۈك چوڭلار مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 2546 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم سىستېرالىق ئوقۇغۇچىلىرى 628 نەپەر) نەپەر، تولۇق كۇرس كەسپى سەككىز، تولۇق كۇرس كەسپى يۆلىنىشى يەتتە، مەخسۇس كۇرس كەسپىي 16، مەخسۇس كۇرسنىڭ كەسپىي يۆلىنىشى 11. 1999 - يىلى يېڭىدىن ئېغىز بوشلۇقى ئىلمى، سىستېرالىق ئىلمىي، جۇڭگوچە، غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلمىدىن ئىبارەت ئۈچۈ تولۇق كۇرس كەسپىي تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى. مەكتەپتە ئىككى دوختۇرلۇق ئۇنۋان نۇقتىسى، 28 ماگىستىرلىق ئۇنۋان نۇقتىسى، ئۈچ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپ، سەككىز مەكتەپ دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپ بار. ئالتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنى ياكى مەركىزى، 20 مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات ئىشخانىسى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 25 كلىنكىلىق ئوقۇتۇش پراكتىكا بازىسى تەسىس قىلغان. مەكتەپتە يەنە خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىنى ئىلتىماس قىلىش ئورنى ۋە كەسپىي ئۇنۋان بېرىش ئورنى بار. مەكتەپنىڭ 300 دىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش تۈر مەملىكەت دەرىجىلىك، 11 تۈر مىنىستىر كومىتېتى دەرىجىلىك، 131 تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مەملىكەتتىكى ھەر خىل گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر 4700 پارچىغا يېتىدۇ. 400 نەپەر مۇتەخەسسىس مەملىكەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 13 نەپەر يولداش ئاپتونوم رايوندا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىك ئالىي مەكتەپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتاب 3.0000.7 پارچىدىن ئارتۇق، جۇڭگو مائارىپ تەتقىقات تورى ۋە خەلقئارلىق ئىنتېرنېت تورى بىلەن تورلاشتۇرۇلغان ھەم يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تورى بەرپا قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي ئۇچۇر مەركىزى بۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان. مەكتەپكە قاراشلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىچىدە بىرىنچى شۆبە دوختۇرخانىسى، ئىككىنچى شۆبە دوختۇرخانىسى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى شۆبە دوختۇرخانىسى ۋە شۆبە جۇڭيىچە داۋالاش دوختۇرخانىسى دۆلەتلىك ئۈچىنچى دەرىجىلىك A دەرىجىلىك دوختۇرخانا ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ جۇڭيىچە داۋالاش، تەتقىقات ئورنى شۆبە دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر جۇڭيىچە داۋالاش دورىگەرلىك تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى