شىنجاڭ بىڭتۈەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
- يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قۇرۇلغان، يېزا - ئىگىلىك مىنىستىرلىقىگە بىۋاستە قاراشلىق بولغان ئالىي دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى. بۇ مەكتەپتە جۇڭگو تىلى فاكولتېتى، بىئولوگىيە،
جۇغراپىيە، خىمىيە فاكولتېتى، فىزىمات فاكولتېتى، چەت ئەل تىلى فاكولتېتى، تەنتەربىيە فاكولتېتىدىن ئىبارەت 6 فاكۇلتېت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تارىخ، سىياسىي تەربىيە، خەنزۇ تىل ئەدەبىياتى، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا خىمىيە، گۈزەل - سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر ئېچىلغان، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 45421 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 8889 كۋادرات مېتىر، شىخەنزە ئونىۋېرسىتېتىگە قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە 139 ئوقۇتقۇچى (ئۇنىڭ ئىچىدە بىر پروفىسسور، 22 دوتسىنت، 66 لېكتور، 33 ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بار)، مەخسۇس تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن 850 نەپەر بار ئىدى. 1996- يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى، شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى.