خوتەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
خوتەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەكتىپى 1960 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكومى ھېسابلىنىدۇ. 1962 -، 1966 - يىلى ئىككى قېتىم ئەمەلىدىن قالدۇرۇلغان، 1971 - يىلى ئىسمى ئۆزگەرتىلىپ خوتەن ۋىلايەتلىك تۈزلەڭلىك دېھقانچىلىق مەيدانى خوتەن دېھقانچىلىق مەكتىپى دېيىلگەن. 1976 - يىلى <7 - ماي> يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مەزكۇر مەكتەپ ئالدى - كەينى بولۇپ بەش قېتىم كۆچكەن. ئالتە قېتىم مەكتەپ قۇرغان. 91 - يىلغا كەلگەندە ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈپ كەلگەن. خوتەن يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى 1978 - يىلى قۇرۇلغان ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ، خوتەن يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بىلەن بىرلىكتە بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىككى خىل ۋىۋىسكىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپ شتاتى90 -1999 يىلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 42 ئادەم (ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 31 نەپەر، ئوتتۇرا
دەرىجىلىك ئونۋانى بارلار 21 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 18 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 631 نەپەر.