تارغاباتاي شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئەسلى نامى تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ. 1957 - يىلى 9 - ئايدا ئەسلدىكى چۆچەك
ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مۇكەممەل
مەكتەپ. 1959 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1981 ـ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە <مەدەنىيەت
ئىنقىلابى> دىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەنئەنىۋى
تەنتەربىيە تۈرى مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1993- يىلى 9 - ئايدا شەھەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇۋېتىلگەن. شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
توختىتىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، چۆچەك شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا دېيىلگەن. 1997 - يىلى 9 - ئايدا تولۇق ئوتتۇرىغا
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100056 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتوشتا ئىشلىىتىدىغىنى 11161 مەكتەپ شتاتى 141. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 108 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپى 36، ئوقۇغۇچى سانى 2100نەپەر.