UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى

شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ ئاپپاراتلىرى - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيتى ئېلىپ بارىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىلمىي تەشكىلات. مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە ئاپتونوم راينلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ قارمىقىدا بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتكومىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولغان، مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا: ئاممىۋى خاراكتېرلىك مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تەشكىللەش، ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھات تەجرىبىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، مائارىپ ئىلمىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش خادىملىرىنى تەربىيىلەشنى ھەمدە مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش قاتارلىقلار. شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ مەمۇرىي كادىرلىرى بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، بەش نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. 10 نەچچە ۋىلايەت ئوبلاستتا تارماق جەمئىيىتى ۋە 36 ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى (كەسپىي جەمئىيەت) بار. شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى 5 - نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتى 1998 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرقى جەمئىيەت باشلىقى سادىر قادىر، دائىملىق مۇئاۋىن مۇدىر رىن باڭكۈن، باش كاتىپ روڭ شىڭچى، مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئىشخانىسى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki