ئۆزبىكلەر مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر مائارىپى
- ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى ئۆزبېكلەرنىڭ مائارىپى ئاز سانلق مىلەتلەر مائارىپىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى
بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئېرىشتى. 1943 - يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى
مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1174 نەپەرگە يەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزبېكلەر مائارىپى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. 1965 -
يىلى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەردىك ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار يەنى باشلانغۇچ مەكتەپتە 849 نەپەرگە، كەسپىي مەكتەپتە ئالتە نەپەرگە،
يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئىككى نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 196 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپتە بىر نەپەر، ئوتتۇرا
دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە 16 نەپەرگە يەتكەن. ئالىي مەكتەپلەردە 23 نەپەرگە يەتكەن. ئۆزبېك ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلانغۇچ مەكتەپتە 34 ئوقۇتقۇچى،
تېخنىكا مەكتەپلىرىدە بىر ئوقۇتقۇچى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 19 ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپلىرىدە بەش ئوقۇتقۇچى،
ئالىي مەكتەپلەردە تۆت ئوقۇتقۇچى بار بولغان. 1999 - يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى بالىلار باغچىسىدا 80
كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 759 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا 520 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 225 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا
تېخنىكومدا 140 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلردە 123 نەپەرگە يەتكۈزۈلگەن. ئۆزبېك ئوقۇتقۇچىلاردىن بالىلار باغچىسىدا ئىككى ئوقۇتقۇچى،
باشلانغۇچ مەكتەپتە 149 نەپەر ئوقۇتقۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 67 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 21 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا
تېخنىكومدا 72 نەپەر، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 53 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار بولغان.
1999 - يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇسى ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 554
نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 380 نەپەرگە. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 164 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا 102 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي
مەكتەپتە 90 نەپەرگە يەتكەن.