UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىيەكەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ

يەكەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلى قۇرۇلغان، يەكەن ۋىلايىتىگە بىۋاستە قارايدىغان مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپنىڭ نامى يەكەن ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپ يەنە قاغىلىق ناھىيىسىدە تۆت سىنىپلىق شۆبە مەكتەپ قۇرغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ مەكتەپ يەنە يەكەن 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، يەكەن ناھىيىسىگە تەۋە. 1966 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى سەۋەبىدىن مەكتەپ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ھەتتا دەرس توختاپ سىنىپىي كۈرەش ئېلىپ بېرىلغان. 1981 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1986 - يىلى يەكەن ناھىيىلىك مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، تولۇقسىز سىنىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1999 - يىلى 8 - ئايدا يەكەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. بۇ مەكتەپ يەكەن ناھىيىسىدىكى بىردىنبىر پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 129 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 36، ئوقۇغۇچى سانى 1760 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى