ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 4 - ئايدا ئاقسۇ شەھەر جەنۇبىي چوڭ كوچا شەرقى تەرەپ 26 - نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان.
ئەسلى نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ سانائەت مەكتىپى، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى قوللىنىلغان. 1956 - يىلى 10 - ئايدا
مەكتەپنى ھۆكۈمەت بىۋاستە باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىنى
قوللانغان. 1952 - يىلدىن باشلاپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. 1954 - يىلى مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش بېسىپ تارقاتقان <مىللىي
ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىسى> نى قوللانغان. 1956 - يىلى 9 - ئايدا تۇنجى قېتىم تولۇق ئوتتۇرىنى تەسىس
قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1966 - يىلى باشلانغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەكتەپنى پالەچ ھالەتكە
كەلتۈرۈپ قويغان. 1972 - يىلى مەكتەپ نامى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي خەنزۇ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇ
ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. 1983 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئورمانچىلىق نازارىتى
قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن <تەجرىبە ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار ئورۇن> دەپ باھالانغان. 1987 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مىللىي ئىشلار
كومىتېتى تەرىپىدىن <خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن> دەپ باھالانغان. 1992 - يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مىللىي
مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن، 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن <تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن
باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن> دەپ باھالانغان. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 25148 كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 266400 كۋادرات مېتىرلىق
باغۋەنچىلىك مەيدانى بار. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 96 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 42، ئوقۇغۇچى سانى 2418 نەپەر.