UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقۇمۇل ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ

قۇمۇل ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە قۇمۇل ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تەۋەلىكىدىكى تېببىي مەكتەپ ئىدى. 1961 - يىلى 7 - ئايدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1962 - يىلى تاقىۋېتىلگەن. 1973 - يىلى 9 - ئايدا ئوقۇتۇش قايتا يولغا قويۇلۇپ، يەنىلا قۇمۇل ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا تەۋەلىكىدە بولغان. 1976 - يىلى 12 - ئايدا، مەكتەپ مۇستەقىل شتاتقا ئىگە بۆلۈم دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئورنى قىلىنىپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ دەپ ئاتالغان. 1986 - يىلى 4 - ئايدا بۆلۈم دەرىجىلىكتىن ناھىيە دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن. شۇ يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك تېببىي ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەكتىپى قۇرۇلغان ھەم تېببىي مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمىسى، ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى، كەسىپ تەسىس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر چوڭ بولغان ئىسلاھاتلار ۋە تەرەققىياتلار بولغان، ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۆزگەرتىلىپ، ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ دوختۇرلۇق، سېستىرالىق، تۇغۇت دوختۇرى، ئانا - بالىلار دوختۇرى، جۇڭيىچە داۋالاش، لابوراتورىيە قاتارلىق سەككىز كەسىپ يولغا قويۇلغان. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومىدا دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، دورىگەرلىك قاتارلىق ئۈچ كەسىپ ئېچىلغان. 1992 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپى شارائىتىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرخىل ئوتتۇرا تېخنىكوم تېببىي خادىملاردىن 2200 ئادەم تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى