UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى - يىلى قۇرۇلغان. نامى ئۆلكە مەركىزىي فەنجېڭ كوچىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 4 - ساۋات چىقىرىش مەكتىپى (ھازىرقى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاساسى) دەپ ئاتىلاتتى. 1930 - يىلى ئۆلكىلىك كۆزنەك باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئالتە سىنىپ تەسىس قىلىنغان، 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە 15 ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. 1943 - يىلى 2 - ئايدا ئۆلكىلىك 1 - باشلانغۇچ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇ يىلى كۈزدە 1 - خەلق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى (تارمىقىدا زوگوڭسى باشلانغۇچ مەكتىپى تەسىس قىلىنغان)، 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دىخۇا شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1950 - يىلى يازدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1956 - يىلى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. شۇ يىلى تىيانشان رايونلۇق ئۈلگىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ دېگەن نامغا ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8120 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى 6200 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ شتاتى 104، 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 98 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 35، ئوقۇغۇچىلار سانى 2342 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى