UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىباشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش

باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى نۇقتا قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاكتىپ ئومۇملاشتۇرغان. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، تەرەققىيات تېز بولغاچقا تەڭشەش ئېلىپ بارغان. <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي> نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بەش يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن. 1980 - يىلى 10 - ئايدا، باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن. 1990 - يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 58 ناھىيە (شەھەر) دە باشلانغۇچ مەجبۇرىي مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ %62 نى ئىگىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى