شىنجاڭ خىمىيە سانائەت مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئالىي تېخنىكوم. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 57000 كۋادرات مېتىر. مەمۇرىي
بۆلۈمدىن بەش، كەسپىي ئوقۇتۇش ئىشخانىسىدىن سەككىز تەسىس قىلىنغان. خىمىيە سانائىتى. ئانئورگانىك خىمىيە سانائىتى، ئورگانىك
خىمىيە سانائىتى، ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى، نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيىسى، خىمىيە سانائىتى ئانالىزى، مۇھىت ئۆلچەش، خىمىيە
سانائەت ماشىنىسازلىقى، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كەسىپ تەسىس قىلغان.
چىڭداۋ خىمىيە سانائەت ئىنستىتۇتى ئالىي تېخنىكومى سىرتتىن ئوقۇش پونكىتىنى تەسىس قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك نېفىت
مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتى، نېفىت ۋە خىمىيە سانائەت ئانالىزى تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى، خىمىيە سانائىتى
كەسپىي خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش پونكىتى قاتارلىقلار بۇ مەكتەپتە قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن، ئاپتونوم
رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇن دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 8000 دىن ئارتۇق
ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. 1999 - يىلدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 110 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 2200 نەپەر.