UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى<شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>

<شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلغان، ئۇنىۋېرسال خەنزۇچە ئىلمىي ژۇرنال، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى مەكتەپنىڭ ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. 1965 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئون يىللىق ئىچكى قالايمىقانچىلىقتا نەشر قىلىنىشتىن توختىتىلغان. 1979 - يىلى <شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى> ئىلمىي ژۇرنىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە پەسىللىك ژۇرنال قىلىپ بېكىتىلگەن. 1984 - يىلى بىرىنچى سانىدىن باشلاپ، ئىلمىي ژۇرنال نامى <1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى> غا ئۆزگەرتىلگەن. 1988 - يىلى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا يۈزلىنىپ، ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان. دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى CN65-1110/S 1996 - يىلى مەكتەپ نامى ئۆزگەرتىلگەچەك، ئىلمىي ژۇرنال نامىمۇ <شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> گە ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر دۆلەت ئىچى بىر تۇتاش نەشر قىلىش نومۇرى DN65-1173/S خەلقئارالىق ئۈزلۈكسىز نەشر بۇيۇمى نومۇرى ISSN1007-8614 1999 - يىلدىكى باھالاش ئارقىلىق بېكىتىلگەن ژۇرنال نومۇرى CN65-5008/S ژۇرنالدا ئاساسلىقى مەكتەپتىكى ھەرقايسى ئىنستىتۇت، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە مۇۋاپىق ھالدا سىرتتىن كەلگەن ماقالىلەر بېسىلىدۇ. مەزمونى: يېزا ئىگىلىك ئىلمى، باغۋەنچىلىك، ئۆسۈملۈك ئاسراش، تۇپراق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق، ئوتلاقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي، يېمەكلىك ئىلمى، سۇ كۈچى ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ئېكولۇگىيىسى، مۇھىت ئىلمى، بىئولوگىيە ئىلمى، ئۇل نەزەرىيە تەتقىقاتى، كومپيۇتېر قوللىنىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئېچىش، تەتبىقلاش تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلەر پەن تەتقىقات خەۋەرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ تەرەپتىن يېزا ئىگىلىكى پەن تېخنىكىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى 15 دىن ئارتۇق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ پەسىللىك ژۇرنال ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرى ئىچىدە <شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> مۇھىم بولغان ئىلمىي ژۇرناللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسى خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئاخبارات سىستېىمىسىغا تەۋە بولغان. <Agride> (يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا <ئاچقۇچ>) مۇ بۇ ژۇرنالدىكى ئۇچۇرلارنى باسقان. <شىنجاڭ يېزا - ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> (ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسى) 1988 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. 1999 - يىلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ژۇرنال بولۇپ تەستىقلانغان. دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى CN65-5008/S-W 1999 - يىلى ئاخىرىغىچە 12 توم 24 سان نەشر قىلىنغان. بۇ ژۇرنالىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، <قوش يۈز فاڭجېن> غا ئاساسەن ئىلمىي مۇھاكىمە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ژۇرنالدا دېھقانچىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنى ۋە سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، زولوگىيە، مېدىتسىنا، ئوتلاقچىلىق، باغۋەنچىلىك، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي قاتارلىق سەھىپىلەر بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
<شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> | UyghurWiki | UyghurWiki