مىللىي بۆلگۈنچىلىك
شىنجاڭ مائارىپى
ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە
بۇرژۇئا مىللەتچىلىكىنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئىپادىسى. مىللەتچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر خىل ئەكسىيەتچىل سىياسىي كۈچ ۋە ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ دۆلىتىمىزدىكى گەۋدىلىك ئىپادىسى لى دېڭخۇي باشچىلىقىدىكى <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى، دالاي لاما ئەكسىيەتچىل گۇرۇھىنىڭ <شىزاك مۇستەقىللىقى> بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ھەمدە شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر باشچىلىقىدىكى <شىنجاڭ مۇستەقىللىق> بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ خىل مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى گەرچە ئىپادىنلىنىش ئۇسۇلى، پەيدا بولۇش ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى، شۇغۇللىنىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ سۇبيېكتى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە. ھەممىسىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك كۆپ مىللەتلىك، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشتىن ئىبارەت. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى شىنجاڭدا قايتا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدە، خوتەن، قەشقەر
رايونلىرىدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاتالمىش <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى> نى
قۇرۇش توغرىسىدا جار سالدى. 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا،مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار گومىنداڭ شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ۋە <ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>
ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى ھوقۇقلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك شوئارى، نەزەرىيىلىرىنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرۈپ،
ئەسەبىيلەرچە تەشۋىق قىلدى. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق
ھەرىكىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان، خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا، مىللىي
بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭغا قارىتا بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىلەن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان
ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا ئۇرۇندى. شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۈيقەست ۋاسىتىلىرىدىن
ئاساسلىقى، پانتۇركىزم، پانىسلامىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ تارىخىنى، مىللەتنىڭ تارىخىنى ۋە دىننىڭ
ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاش، شىنجاڭ رايونى بىلەن ۋەتەننىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇرمىلاش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش، مىللىي
قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش، خەنزۇرلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇرلارنى سىقىپ چىقرىشقا ئىلھام بېرىش،
دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىش، <غازات> كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلىش، ئەكسىيەتچىل تايانچ كۈچلەرنى تەربىيىلەش،
ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارنى قۇرۇش قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، ھەتتاكى قوراللىق توپىلاڭنى پىلانلاش، تەشكىللەش، بۇلاڭچىلىق، يوشۇرۇن
ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى شىنجاڭنىڭ تىنچ، مۇقىم
ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭغا قارىتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق ھالدا بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى شىنجاڭنىڭ تىنچى،
مۇقىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي خەۋپلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى.