UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر ئەما، گاس - گاچىلار مەكتىپى

قەشقەر ئەما، گاس - گاچىلار مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئالاھىدە مائارىپ - يىلى 3 - ئايدا ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى قەشقەر شەھىرىدىن 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەسلىدىكى بالىلار پاراۋانلىق ھويلىسىنىڭ ئورنىغا گاس - گاچىلار مەكتىپى قۇرۇپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇتۇش شارائىتى ئىنتايىن ئاددىي ئىدى. 1981 - يىلى مەكتەپ ئورنى شەھەردىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يان بولاق دېھقانچىلىق مەيدانى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلدى. 1984 - يىلى مەكتەپ ھازىرقى ئورۇنغا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلدى. 1985 -يىلى مەكتەپ خەلق ئىشلار تارمىقىدىن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1994 - يىلى مەكتەپنىڭ نامى ئەمالار، گاس - گاچىلار مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئەسلى ئوقۇش مۇددىتى سەككىز يىل بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىگە يەتتى. 1999 - يىلدىن باشلپ ئوقۇش مۇددىتى توققۇز يىل قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا تەسىس قىلىندى. مەكتەپتە ياتاقلىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇتىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدۇ. 1999 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 39 نەپەرگە، ئوقۇتۇش سىنىپى 15 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 128 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 7992 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 1080 كۋادرات مېتىر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى