UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ چوڭجېڭ خۇسۇسىي مەكتىپى

شىنجاڭ چوڭجېڭ خۇسۇسىي مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن پۇقرالر قۇرغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى رەھبەرلىك قىلىش ۋە مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى قەرەللىك مەسلىھەت بېرىش ھەمدە پارتىيە تەشكىلىنىڭ نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، 2000 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 53 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپ 12 سىنىپقا، ئوقۇغۇچىلىرى 288 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا بەش سىنىپقا، ئوقۇغۇچىلىرى 132 نەپەرگە يەتكەن. 2000 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى يىللىقىغا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئاز ساندىكى ئۆيىدە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى رەسمىي قوبۇل قىلغان. مەكتەپ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئۆي - مۈلۈك، ئوقۇتۇش بىناسى، ئولتۇراق ئۆي بىناسى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىقلارنى ئىجارىغا ئالغان بولۇپ، يەر كۆلىمى 79902 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، مەكتەپ بىناسى 12000 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. 32 يۈرۈش ئۆلچەملىك ئوقۇتۇش سىنىپى، كۆپ ۋاسىتىلك كومپيۇتېر ئۆيى، كۆپ ۋاسىتىلىك تىل ئۆيى، كىتاب ماتېرىياللار ئىشخانىسى، مۇزىكا ئۆيى، تەنتەربىيە زالى، بەدەن گۈزەللىك ئۆيى قاتارلىقلار بىردىن قۇرۇلغان. ئەمگەك بازىسى 500 كۋادرات مېتىر. 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ چوڭجېڭ خۇسۇسىي مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki