UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى

شىنجاڭ بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى ئەسلى ئاساسىي بىڭتۈەن مالىيە - ئىقتىساد كادىرلار مەكتىپى بولۇپ، 1958 - يىلى شىخەنزىدە قۇرۇلغان. 1987 - يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. مەكتەپ مالىيە بوغالتىرلىقى، پىلان ستاتىستىكا، كارخانا باشقۇرۇش، ھېسابلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان. شىخەنزە ئۇنىۋېرستېتىغا قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار 98 نەپەر (بۇنىڭ ئىچىدە دوتسىنىت 14 نەپەر، لېكتور 35 نەپەر، ئاستېتنىت 24 نەپەر) بولۇپ، مەكتەپتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلار (907 نەپەر ئىدى. 1996 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى بىلەن شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ بىڭتۈەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى بىرلىشىپ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى | UyghurWiki | UyghurWiki