UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىكورلا شەھىرى لى مىن مەكتىپى

كورلا شەھىرى لى مىن مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر - يىلى پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى چىن شۆيىڭ كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاقما نوپۇس پەرزەنتلىرىنى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇدىغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ. 2000 - يىلى ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى سىنىپتىن ئىككىسى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ سىنىپىدىن 15 ى، تولۇقسىز سىنىپتىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 1000 نەپەردىن ئاشقان. كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 60 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 19980 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆلىمى 4000 كۋادرات مېتىر، مۇقىم مۈلكى بەش مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، ئارقىمۇ ئارقا شەھەر، ئوبلاست ە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئىجتىمائىي كۈچلەر مەكتەپ قۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالاندى. يولداش چىن شۆيىڭ ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇپ باھالىنىپ، كورلا شەھەرلىك 6 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىغا سايلاندى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
كورلا شەھىرى لى مىن مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki