UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقاراماي شەھەرلىك گاس - گاچىلار مەكتىپى

قاراماي شەھەرلىك گاس - گاچىلار مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئالاھىدە مائارىپ - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 1 - ئاۋغۇست يېڭى كەنتىدە قۇرۇلغان (ئەسلىدىكى سانائەت تۆتىنچى پولكىنىڭ ھويلىسى ئىچىدىكى بىر نەچچە ئېغىزلىق ئۆيدە)، مېيىپلار مائارىپ ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلىدىغان چيەن جۇەن خانىم تەرىپىدىن 1986 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئوقۇتۇش شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. 1988 - يىلى 9 - ئايدا نېفىت ئىدارىسى مەبلەغ سېلىپ 1000 كۋادرات مېتىر ئوقۇتۇش بىناسى ياساپ بەردى. بۇ مەكتەپ قاراماي رايونىدىكى گاس - گاچا بالىلارنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خەنزۇ تىلى ۋە قول ئىشارىتى تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. قاراماي نېفىت سىستېمىغا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. 1999 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچى 10 نەپەرگە يەتتى، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالتە قارار 40 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى، مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 7006 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 1000 كۋادرات مېتىر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى