ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ باسقۇچىدىن يۇقىرى مەخسۇس مائارىپ، ئالىي مائارىپنى ئېلىپ بارىدىغان
ئاپپاراتلارنى ئالىي مەكتەپ، ئىنستىتۇت ۋە مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكۇم دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش
مۇددىتى تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە، ئاز ساندىكىلىرى (مەسىلەن تېببىي - دورىگەرلىك مەكتەپلىرى) ئالتە يىل، مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىنىڭ
ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ھەم ئوخشاش دەرىجىلىك مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى ئوخشاش
ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتنىڭ ئاسپرانتلىق ئاپپاراتلىرى بولسا ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇنى
پۈتتۈرگەەن ھەم ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارنى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇش يىلى ئۈچ يىل بولۇپ، ماگىستىر ئاسپىرانت تەربىيلەيدۇ،
ماگىستىر ياكى ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارنى قوبۇل قىلىپ ئۈچ يىل ئوقۇتۇش ئارقىلىق دوكتور تەربىيىلەيدۇ. 1949 - يىلى پۈتۈن
شىنجاڭدا بىر ئىنستىتۇت بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 379 نەپەر ئىدى (شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). 1999 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 17، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئاسپىراتنلار 18 نەپەر. ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار 747 نەپەر، مەكتەپتىكى تولۇق،
مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 54000 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 23200 نەپەرگە يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ
42.96پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىرى سانى 1916 نەپەر (پرافىسسور 406 نەپەر، دوتسىنت 1743)،
بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 3016 نەپەر بولۇپ، 40.13 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۈچ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش
ئورنى، 10 ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئورنى، بەش دوكتورلۇق ئۇنۋانى كەسىپ نۇقتىسى، 116 ماگىستىرلىق كەسىپ نۇقتىسى، 142 خىل تولۇق
كۇرس كەسپىي، 183 خىل مەخسۇس كۇرس كەسىپ نۇقتىسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ پەنلىك، كەسىپ
تۈرلىرى بىر قەدەر تولۇق، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئالىي مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندى.