UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق كەسپىي مەكتىپى، 1987 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. ئەسلى ئاساسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىككىنچى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 666376 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 25560 كۋادرات مېتىر. سودا، مالىيە بوغالتىرلىقى، ئامانلىق ساقلاش، زىننەتلەش، ئېلان ۋە فوتو سۈرەت، ئومۇمىي ئالاقە، سودا، رۇس تىلى، تاشقى ئىشلار مۇلازىمىتى، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى، كىيىم - كېچەك لايىھىلەش، تىككۈچىلىك، ئاشپەزلىك قاتارلىق 12 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999 ـ يىلى مەكتەپتە 1247 نەپەر ئوقۇغۇچى، 188 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچى، 72 نەپەر مەخسۇس ئوقۇتقۇچى، 28 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. 1987 - يىلدىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچى تەخمىنەن 3700 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم | UyghurWiki | UyghurWiki