UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى<شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>

<شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى <شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> (خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرى) ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1978 - يىلى ۋە 1985 - يىلى نەشر قىلىنغان. ھەر ئىككىلىسى پەسىللىك ژۇرنال. دۆلەت ئىچىدە ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. 1999 - يىلى 16 فورماتقا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ژۇرنال ئاساسلىقى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن. ھەر ساندا 2000 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلىدۇ. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 88 سان ۋە 58 سان نەشر قىلىنغان. ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر 5000 پارچىدىن ئارتۇق. ئىلمىي ژۇرنال. ئاساسلىقى مېدىتسىان ئاساسلىرى، كلىنىك داۋالاش، دورىگەرلىك، ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ژۇرنالدا ئىلمىي ماقالىلەر، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، جۇڭيى ۋە تېببىي دورىگەرلىكى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى، تېخنىكا ۋە ئۇسۇل، ئۇنىۋېرسال بايان، تېببىي مائارىپ تەتقىقاتى قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان. ئىلمىي ژۇرنال ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە تەتقىقات ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ئىلمىي ژۇرنال سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ژۇرنال ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1989 -، 1995 -، 1999 - يىلى ئۈچ قېتىم مائارىپ مىنسىتىرلكى تەرىپىدىن <مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر تەبىئىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى مۇنەۋۋەر تەھرىرلەش سۈپىتى> بويىچە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1987 -، 1991 -، 1993 -، 1994 -، 1996 -، 1997 -، 1999 - يىللىرى جەمئىي يەتتە قېتىم شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ژۇرناللىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشقا قاتنىشىپ بىر قېتىم بىرىنچى دەرىجىگە، ئىككى قېتىم ئىككىنچى دەرىجىگە، تۆت قېتىم ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
<شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> | UyghurWiki | UyghurWiki