قەشقەر ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
- يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 111222 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى
23601 كۋادرات مېتىر. 1996 - يىلى خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، گۈزەل - سەنئەت، مۇزىكا، تەجرىبە قاتارلىق ئالتە كەسىپ، 29 ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس
قىلىنغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى كەسپىي سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى
ئوقۇغۇچىلار 1152 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 230 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 150 نەپەرگە، ئالىي
دەرىجىلىك لېكتور 20 نەپەرگە يەتكەن. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 60 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە يەتتە كىشى
مەملىكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىككى كىشى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككىنچى ۋە بەشىنجى نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.
مەكتەپ 1991 - يىلى 6 - ئايدا مەملىكەتلىك مائارىپ سېپىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1993 - يىلى 4 - ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك
مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئازادلىقتىن كېيىن 1996 - يىلغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 22 مىڭغا يەتكەن.
