UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى

ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى مىللەتلەر مائارىپى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ مەنبەسى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، تىل - يېزىق مائارىپىمۇ شۇنىڭدىن باشلاندى. مىلادىدىن ئىلگىرى - كېيىن، بۇددا دىنى شىنجاڭغا تارقالدى. ھىندىستان تىل - يېزىقى شىنجاڭدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. مىلادى 10 - ئەسىردە ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دىنىي مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. تارىختىكى نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار مانا مۇشۇ دىنىي مەكتەپلەردىن چىققان، 80 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ كوڭزى تەلىماتلىرى مەكتەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنى باشقۇرۇش خادىمى مەكتەپ بېگىنى تەسىس قىلدى. مانجۇ، موڭغۇل، شىبە، سۇلۇن، چاخارلارنىڭ مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلدى. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ھەقسىز مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگەتتى. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چىڭ ھۆكۈمىتى كىجۇ ئىمتىھان تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، يېڭىچە مەكتەپلەرنى قۇردى. ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇتتى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كوممۇنىستلار ۋە ھەرقايسى ئىلغار زاتلار ياردىمىدە <مىللەتنى شەكىل، ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى مەزمون قىلغان> مىللىي مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇردى. 1943 - يىلى شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت، تەشكىلاتلار ۋە خەلق قۇرغان مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 261414 كىشىگە يەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. 1999 - يىلى شىنجاڭنىڭ مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 23224 نەپەر، ئادەتتىكى تېخنىكوم مەكتەپلەردە 49700 نەپەر، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 691625 نەپەر، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 28551 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپلەرە 1743047 نەپەر، گاس - گاچا ئەمالار مەكتەپلىرىدە 287 نەپەر، بالىلار باغچىسىدا 44457 نەپەر، چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىدە 4074 نەپەر، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىدە 11973 نەپەرگە، چوڭلار ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە 4079 نەپەرگە يەتتى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەر ئون مىڭ نوپۇس ئىچىدە ئىگەللەيدىغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 21.6 نەپەرگە، ئادەتتىكى تېخنىكومدا 46.30 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 83.3 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىزدا 561.12نەپەرگە، باشلانغۇچتا 1624.1 نەپەرگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki