UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىخەنزە شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىخەنزە شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پەرزەنتلەر 2 - باشلانغۇچ مەكتىپى ئاساسىدا 1954 - يىلى 3 - ئايدا قۇرۇلغان. شۇ يىلى يەتتە ئوقۇتۇش سىنىپى، 345 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەش يولغا قويۇلغان ئىدى. 1955 - يىلى 1 - ئايدا مەكتەپ يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيە پەرزەنتلەر 2 - باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىنات تۈزۈمى مائاش تۈزۈمى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958 - يىلى 8 - ئايدا يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيىسى پەرزەنتلەر 2 - باشلانغۇچ مەكتىپى 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيە پەرزەنتلەر مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇتۇش سىنىپى 17 گە كۆپەيتىلگەن. 1965 - يىلى 9 - ئايدا يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيە پەرزەنتلەر مەكتىپى شىخەنزە 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەسىس قىلىندى. 1975 - يىلى مەكتەپ نامى شىخەنزە 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەسىس قىلغان. 1983 - يىلى 12 - ئايدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئايرىلىپ چىقىپ، شىخەنزە شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنى تەسىس قىلدى. 1984 - يىلى مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماقالە مۇسابىقىسىدە كوللىكتىپ نومۇر بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 1999 - يىلى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇ مەكتەپ ئۇدا بىر قانچە يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش سىنىپى 41، رەسمىي ئوقۇتقۇچى 88 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 2075 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى