UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقازاقلار مائارىپى

قازاقلار مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى مىللەتلەر مائارىپى قازاق مەكتەپ مائارىپنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قازاق ئاقسۆڭەكلىرى، زىيالىيلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مەدرىس مەكتەپلىرىنڭ تەربىيىسىنى ئالغان. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى قازاق مەكتىپى 1850 - يىلى ئالتايدا قۇرۇلغان. <ئابايۇلى> مەدرىسىدۇر. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇپ، قازاق ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئوقۇتتى. ياڭزىڭشىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، موڭغۇل، قازاق مەكتىپى قۇرۇلدى. كېيىن موڭغۇل، قازاق تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى. شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرى تەسىرى ئاستىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى ئاكتىپ تەرەققىياتقا ئېرىشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قازاقلار مائارىپىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. 1938 - يىلى ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپلەردىكى قازاق، قىرغىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سانى 3420 نەپەرگە، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار 99 نەپەرگە، قازاق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى مەكتپىدىكى ئوقۇغۇچىلار 14322 نەپەرگە يەتتى. 1943 - يىلى شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلار قۇرغان مەكتەپتىكى قازاق ئوقۇغۇچىلار 32733 نەپەرگە يەتتى. 1934 - 1935 - 1936 - يىللىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۈچ قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان قازاق ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قازاقلار مائارىپىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قازاقلار مائارىپى مۇقىم تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1965 - يىلى مەكتەپلەردىكى قازاق ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 67234 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرىدا 7538 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە 441 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك مەكتەپلەردە 544 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپلەردە 378 نەپەرگە يەتتى. قازاق ئوقۇتقۇچىلار سانى باشلانغۇچتا 90 نەپەرگە. ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 16 نەپەرگە، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە ئۈچ نەپەرگە، ئالىي مەكتەپلەردە 15 نەپەرگە يەتتى. پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مائارىپىغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدرۇپ، قازاق مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ ىبلەن ئىلگىرى سۈردى. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى قازاق ئوقۇغۇچىلار سانى يەسلىدە 6416 نەپەرگە، باشلانغۇچتا 200618 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 73562 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرىدا 14427 نەپەرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە 958 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە 2198 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 3128 نەپەرگە يەتتى. قازاق ئوقۇتقۇچىلار سانى، يەسىلدە 240 نەپەرگە، باشلانغۇچتا 15657 نەپەرگە، تولۇقسىزدا 5994 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرىدا 1483 نەپەرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە 122 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە 227 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 358 نەپەرگە يەتتى. قازاق مىللىتىنىڭ ھەر ئون مىڭ نوپوس ئىچىددە مەكتەپتىكى ئوقۇغچىلار سانى باشلانغۇچتا 1558 نەپەرگە، تولۇقسىزدا 572 نەپەر، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىدا 112 نەپەر، ئادەتتىكى تېخنىكومدا 64 نەپەر، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 23 نەپەرگە يەتتى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
قازاقلار مائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki