شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ ئاپپاراتلىرى
- يىلى 5 - ئايدا ئەسلىدىكى مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئىشخانىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. بەلگىلەنگەن شتاتى 50 نەپەر، 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان. 1992 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلگەن بولۇپ، شتاتى 10 نەپەر. ھازىرقى ئومۇمىي شتاتى 57 نەپەر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن، شىنجاڭ مائارىپ پەن - تەتقىقات ئورنى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئىش بىجىرىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش، مائارىپ، پەن - تەتقىقات خادىملىرىنى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنى تەشكىللەش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تاپشۇرغان مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىنب باشقا شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقات مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئىشخانىسى <شىنجاڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش> دېگەن ئچىكى ژورنالىنى چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلاردىن مائارىپ نەزەرىيە تەتقىقات ئىشخانىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ تەبىئىي پەنلەر ئىشخانىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىجتىمائىي پەنلەر ئىشخانىسى، باشلانغۇچ
مەكتەپ تەتقىقات ئىشخانىسى، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت تەتقىقات ئىشخانىسى، خەنزۇ تىلى تەتقىقات ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش ئۇنىۋېرسال
تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق بۆلۈم، ئىشخانىلار بار. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئىلمىي پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە
شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئىشخانىسىمۇ شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان. شىتات سانى 54
نەپەر، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن 26 نەپەر، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 22 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 23 نەپەر، تۆۋەن
دەرىجىلىك ئونۋانى بارلار سەككىز نەپەر، مەمۇرىي خادىم بىر نەپەر. مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق ئۈچ مىللەتنىڭ بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش>، <قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى تەكشۈرۈش>
قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش پائالىيىتىن تەشكىللىدى ۋە <شىنجاڭدىكى شەھەر بازارلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مائارىپىنى
باھالاپ تەتقىق قىلىش>، <تۇرپان شەھىرىنىڭ دېھقانچىلىق، پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى> ۋە <شىنجاڭنىڭ
نىشانلىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسى> قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق تەتقىقات تۈرىنى قانات يايدۇردى. <شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى> (1949 - يىلدىن 1989 -
يىلغىچە)، <شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات ستراتېگىيىسى تەتقىقاتى> ۋە <شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپ تەتقىقاتى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشر
قىلدى. شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ۋە <شىنجاڭ جۇغراپىيىسى>، <شىنجاڭ
ھايۋانات ئۆسۈملۈكلىرى> قاتارلىق يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقتى. يەنە نىشانلىق ئوقۇتۇشنى باھالاش قوللانمىسى قاتارلىق
قوشۇمچە ماتېرىياللارنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى
يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى.