UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر سۇ ئېلېكتر مەكتىپى

قەشقەر سۇ ئېلېكتر مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ ئۇنىڭ ئەسلى 1983 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇرۇلغان سۇ ئىشلىرى باشقۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئىدى. سۇ ئىشلىرى نازارىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قوش باشقۇرۇشىغا تەۋە. شۇ يىلى سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 1985 - يىلى 5 - ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئاساسىدا كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭ قەشقەر سۇ ئېلېكتر مەكتىپى قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىگە تەۋە، ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن ھالدائوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئېچىلغان كەسىپ بەش خىل. مەكتەپنىڭ يەر مەيدانى 47469 كۋدرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى11052 كۋادرات مېتىر. ھەرخىل ئوقۇتۇش، تەجرىبە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، كۇتۇپخانىدا 50 مىڭ پارچە كىتاب بار. 1994 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى مەكتەپ شارائىتىنى باھالاشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلى 12 - ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ شتاتى 85. 1999 - يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 14 نەپەر (ئالىي لېكتور ئالتە نەپەر، لېكتور 30 نەپەر، ياردەمچى لېكتور 16 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 670 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2273 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى