مائارىپ خىراجىتىدىكى <ئۈچنى كۆپەيتىش>
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
<جۇڭگونىڭ مائارىپنى ئىسلاھات قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسى> دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <ئۈچنى كۆپەيتىش> (خامچوت ئىچىدىكى مائارىپ راسخوتىنىڭ ئېشىشى مالىيە چىقىمىنىڭ ئېشىشىدىن يۇقىرى بولۇش؛ مەكتەپتىكى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائارىپ خىراجىتىنى يىلمۇ يىل كۆپەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتىنى يىلمۇ يىل كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش) روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 1995 - يىلى <پروگرامما> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيەدىن ئاجراتقان مائارىپ مەبلىغىنىڭ ئېشىشى ئاپتونوم رايون مالىيە چىقىمىنىڭ ئىشىشىدىن يۇقىرى بولۇش، خامچوت ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېىشىغا توغرا كېلىدىغان مائارىپ خىراجىتى يىلمۇ يىل كۆپەيتىلىش لازىم دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك خەلق
ھۆكۈمەتلىرىدىن <مائارىپ قانۇنى> دا بەلگىلەنگەن <ئۈچنى كۆپەيتىش> تەلىپىگە ئاساسەن، مۇناسىپ چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈنى تەلەپ قىلدى. 1999 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز خامچوت ئىچىدىكى مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئېشىشى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن 1.15 پىرسەنت يۇقىرى بولدى. ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 8.74پىرسەنت، 2.78 -پىرسەنت، 4.26- پىرسەنت، 5.78- پىرسەنت، 6.41- پىرسەنت، 14.87- پىرسەنت، ئاشتى، خامچوت ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتى چىقىمى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 14.75پىرسەنت، 16.54پىرسەنت، 16.95 پىرسەنت، 29.47پىرسەنت، 26.99- پىرسەنت، 39.59- پىرسەنت ئاشتى.