UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىخوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى

خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ئەسلى ئاساسى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، 1938 - يىلى قۇرۇلغان. 1978 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈچ تارىخىي باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. 1938 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە باشلانغۇچ دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولغان. 1960 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپى بولغان، 1978 - يىلدىن ھازىرغىچە ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ كەلمەكتە. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 119880 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 13000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىيە، جۇڭگو ئەدەبىياتى، تىل، سىياسىي تارىخ، تەنتەربىيە، تەييارلىق بۆلۈمى، ماركسىزم - لېنىنىزم بۆلۈمى قاتارلىق سەككىز فاكۇلتېت، ئىككى بۆلۈم، جەمئىي 10 ئوقۇتۇش ئورنى تەسىس قىلىنغان. فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىيە، تىل، كومپيۇتېر قاتارلىق 30 نەچچە ئوقۇتۇش تەجرىبىخانىسى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 100000 پارچىدىن ئارتۇق. 1999 - يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن <ئۇل مائارىپقا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغان يۆنىلىش ئېنىق، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك مەكتەپ> دەپ مۇكاپاتلانغان. ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن يەتتىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن. مەكتەپ شتاى 379. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 179 نەپەر (بىر پروفېسسور، 34 دوتسىنت، 136 لېكتور بار). ئوقۇغۇچى سانى 1472 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى | UyghurWiki | UyghurWiki