<يانغىن پىلانى>
شىنجاڭ مائارىپى
چوڭلار مائارىپى
<يانغىن پىلانى> بولسا، مائارىپ ۋە ئىقتىسادنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، نادانلىقنى تۈگىتىش بىلەن نامراتىلقنى تۈگىتىشنى
ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يېزا مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت قوش نىشانلىق پىلان، يانغىن پىلانى بولسا ئۇچقۇن پىلانى، مول ھوسۇل پىلانىنىڭ يېڭى پەن - تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىختىساسلىق خادىملار كۆۋرۈكى بولۇپ، پەن - تېخنىكىنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىپ، يېزا ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يانغىن پىلانىنى يولغا قويۇش بولسا يېزا مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر تۈرلۈك تەدبىرى. يانغىن پىلانىنىڭ ماھىيىتى بولسا، يېزا مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق زور كۆلەمدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېزىلارنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئىشلىتىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرى ۋە تىجارەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىقتىساد ۋە
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولسا يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. يانغىن پىلانىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى بولسا، يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپىنىڭ مەزمونىنى ئىسلاھ قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا تەربىيىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇشىدىن كېيىن ھەمدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى تېخى ئومۇملاشمىغان جايلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ كېيىن مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا بىرخىل ياكى بىرقانچە خىل
ئەمەلىي تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئىگىلىتىشتىن ئىبارەت. كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ۋە تەربىيىلەشتە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسلىنىش، جانلىق ئىشلىتىش، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ۋە قىسقا بولۇشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، قىسقا مۇددەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. يېزا مەكتەپلىرىدە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، مۇھىمى شۇ جايدىكى نەق ئەمەلىي تېخنىكىلارنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىش كېرەك. 1988 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ]<يانغىن> پىلانىنى تەشكىللەش، يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى[ نى تارقاتتى ۋە شۇ يىلى 8 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ يولغا قويۇلدى. 1989 -
يىلى 4 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى يانغىن پىلانىنى ئېلىپ بېرىش خىزمەت يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا يانىغىن پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا <يانغىن> پىلانىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش بەلگىلەندى. بىرىنچى باسقۇچ (1991 - 1989) دا ئۈچ تەجرىبە ناھىيىسى ۋە 20 يانغىن پىلانىنى تەجرىبە قىلىش كەنتى قۇرۇپ چىقىش. ئىككىنچى باسقۇچ (1994 - 1992) دا تەجرىبە ناھىيىسىنى 19 غا كېڭەيتىش، تەجرىبە يېزىسىنى 140 غا كېڭەيتىش. ئۈچىنچى باسقۇچ (2000 - 1996) غىچە ئاز دېگەندە 500 يېزىدا يانغىن پىلانىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. يانغىن پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، دۆلەتلىك مائارىپ
كومىتېتى يانغىن پىلانىنىڭ قەرز پۇلىنى تارقاتتى. يەنە <يانغىن پىلانى يۈز، مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى> نى يولغا قويدى ھەمدە <جۇڭگو يانغىن رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى> قۇردى. 1997 - يىلى پۈتۈن رايونىمىزدا 1140 خىل ئېچىش تۈرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، تۈر سوممىسى 190 مىليون يۈەندىن ئاشتى. پەن - تېخنىكىدىن ئۈلگىلىك ئائىلە 13500 ئائىلىگە يەتتى.