UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك 42 - باشلانغۇچ مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭجياڭ يولى جەنۇبىي بۆلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 1969 - يىلى 10 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان، ئەينى چاغدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى 5 سىنىپى بار بولۇپ، تەنتەربىيە مەيدانى يوق ئىدى. 1974 - يىلى چاڭجياڭ كاڭدا باشلانغۇچ مەكتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 42 - باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ، بىر قىسىم يىللىقلاردا يېرىم كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. 1985 - يىلى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1993 - يىلى، 1994 - يىللىرى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇپ سىنىپلىرى ۋە تەنتەربىيە مەيدانى يېڭىدىن قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىلىنىلىدۇ. سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىگە تەۋە. 1997 - يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى <3.3.3 ساپا> نى تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 1999 - يىلى 10 - ئايدا مەركىزىي مائارىپ تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك <توققۇزىنچى بەش يىللىق پىلان> مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق پەن - تەتقىقات تېمىسى <3.3.3 ساپا> سى تەجرىبە بازىسى دەپ رەسمىي تەستىقلانغان. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 5504 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ شتاتى 54 نەپەر. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 49 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1156 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42 - باشلانغۇچ مەكتەپ | UyghurWiki | UyghurWiki