UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىماركسىزملىق دىنىي قاراش

ماركسىزملىق دىنىي قاراش

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ماركسىزمچى مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ دېئالىكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشتىن پايدىلىنپ، دىنىي ھادىسىلەر ۋە دىنىي مەسىلىلەرگە بولغان ئىلمىي تونۇشى ھەمدە مۇشۇ خىل تونۇش ئاساسىدا دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان سىياسەت ۋە پرىنسىپلارنى كۆرسىتىدۇ. ماركسىزملىق دىنىي قاراش تۆۋەندىكىدەك مەزمونغا ئىگە: دىننىڭ ماھىيىتى - بىرخىل بۇرمىلانغان دۇنيا قاراش، بارلىق دىنلار <كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تاشقى كۈچلەرنىڭ كىشىلەر كاللىسىدىكى خىيالىي ئىنكاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنداق ئىنكاسلاردا بۇ ئالەمدىكى كۈچلەر دۇنيا ھالقىغان كۈچ شەكلىنى قوللانغان بولىدۇ. دىن بىر خىل ئىجتىمائىي تارىخىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن پەيدا بولغان. دىن قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ سوتسىيالىزم دەۋرىدىمۇ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق دىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرمەيدۇ. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەمدە دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىلىش مەنبەسى ۋە ئىجتىمائىي مەنبەنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، دىننىڭ مەۋجۇت بولۇش ئاساسىمۇ يوقىلىدۇ - دە، ئاخىرىدا ئۆزلۈكىدىن غايىپ بولىدۇ. ئەمما بۇ بىر ئۇزاق تارىخىي جەريان بولۇپ، ئۇ جەمئىيەت ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يېتىشىگە مۇھتاج بولىدۇ. دىننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇشى كىشىلەرنىڭ تەبىئەت كۈچلىرى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ زۇلۇمىنى، بولۇپمۇ سىنىپىي زۇلۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىدىندۇر. ئەگەر بۇ خىل زۇلۇم يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، كىشىلەردە بۇ خىل زۇلۇمغا قارىتا توغرا چۈشەنچە بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا دىن يەنىلا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. دىن بىرخىل بۇمىلانغان دۇنيا قاراش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتتە پاسسىپ رول ئوينايدۇ. تارىختىن بۇيان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار دىننى خەلقنىڭ روھىنى بىھۇشلاندۇرغۇچى ئەپيۈنگە ئوخشاش ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار دىننى ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. دىن ئارقىلىق كەڭ ئەمگەكچى خەلقنى ئەزگەن ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. ئۇلار دىن ئارقىلىق كىشىلەرنى تۇرمۇشتىكى بەختنى قوغلىشىشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، بارلىق ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئۇ ئالەمگە باغلىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشەپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. پرولېتارىياتنىڭ دىنىي مەسىلىلەرەە بولغان تۈپ ۋەزىپىسى بولسا، ئەكسىيەتچىل ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىلىم - پەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاستا - ئىشتىن ئىبارەت. پرولېتارىيات سىنىپى ۋە سىياسىي پارتىيىنىڭ دىنغا تۇتقان پوزىتسىيە ۋە پرىنسىپى: دۇنيا قاراش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن بىلەن ئىلمىي سوتسىيالىزم بىر - بىرىگە تۈپتىن قارىمۇ قارشى، دىن دۆلەتكە نىسبەتەن شەخسنىڭ ئىشى بولسىمۇ، ئەمما پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسى ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. چوقۇم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۈزۈل - كېسىل ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئاتىئىزم تەشۋىقاتىنى بوشاشماستىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەمما سىياىي مەمۇرىي بۇيرۇق ۋە ساقچى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دىننى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش لازىم. پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسى دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، چوقۇم پارتىيىنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسىنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىش، پارتىيىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچتىكى ئوخشىمىغان ۋەزىپىسىگە بويسۇنۇش زۆرۈرۈ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماركسىزملىق دىنىي قاراشقا ۋارىسلىق قىلىپ ھەمدە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۆۋەندىكىدەك سەككىز خىل كۆز قاراشنى شەكىللەندۈردى: دىن پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش باسقۇچىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە دىن ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىز ئۇنى مەمۇرىي كۈچ ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرماسلىقىمىز كېرەك؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھەمدە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بولىدۇ؛ ئاتېئىزمچىلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈپ مەنپەئىتى بىردەك بولىدۇ. ئىدىيە، ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سىياسىي ئىتتىپاقلىقتا ھەمكارلىشىپ، ئېتىقادتا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ دۆلىتىمىزدە دىنىي ئىشلاردىكى زىددىيەت خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتۇر. بىراق بەلگىلىك شەرت - شارائىت ۋە ئەھۋال ئاستىدا، قارشىلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىش مۇمكىن؛ دىنىي پائالىيەتلەر چوقۇم دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دۆلەت قانۇن ئارقىلىق دىنىي ئىشلارنى باشقۇرىدۇ ھەمدە نورمال بولغان دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ئەكسىچە دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارنى توسايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ؛ مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان دىني جەمئىيەت قۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلار ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسىدۇ. دىنىي جەئىيەت زاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى تەربىيىلەپ، پىلانلىق ھالدا بىر تۈركۈم ياش، ۋەتەن سۆيەر دىنىي كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەن سۆيەر دىنىي كوللېكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئاكتىپ يېتەكلىشى زۆرۈر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ماركسىزملىق دىنىي قاراش | UyghurWiki | UyghurWiki