شىنجاڭ پولات - تۆمۈر مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى ئۈرۈمچى تۇدۇنخابا رايونىدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى ئۈرۈمچى پولات - تۆمۈر مەكتىپى. 1962 - يىلى
مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1985 - يىلى مەكتەپ قايتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نامىنى شىنجاڭ پولات - تۆمۈر مەكتىپى
قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1986 - يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن
كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1988 -، 1986 - يىلغىچە ئۇدا تۆت قېتىم شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن پەن - تېخنىكا
ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن 50 تىن كۆپرەك مۇئەييەن ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزۈپ،
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. 1994 - يىلى مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ
كومىتېتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى <A> دەرىجىلىك تېخنىكوم بولۇپ باھالانغان. ئىلگىلىگەن يەر كۆلىمى 48470 كۋادرات
مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 20622كۋادرات مېتىر، شىنجاڭ پولات - تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتىگە تەۋە. بىرقانچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق
مەكتەپ ئالىي مائارىپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ، چوڭلار مائارىپى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ، خىزمەتتىن ئىلگىرىكى تەربىيە ۋە خىزمەتتىن
كېيىنكى تەربىيىلىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان، كۆپ كەسىپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ كۆلەملىك ئۇنىۋېرسال مائارىپ ئورنى بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېتاللورگىيە ماشىنىسازلىقى، پولات - تۆمۈر تاۋلاش، كومپيۇتېر قوللىنىش قاتارلىق 36 كەسىپ تەسىس
قىلغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلغار. مېتال، ماشىنىسازلىق، كومپيۇتېر قاتارلىق 13 تەجرىبىخانىسى بار.
كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 63000 پارچىدىن ئارتۇق. 1995 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1996 -
يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن سەككىزىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مەكتەپ ئىگىلىگىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتا
ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن باھالاشتىن ئۆتۈپ، <A> دەرىجىلىك ئوتتۇرا
تېخنىكوم بولۇپ باھالانغان. 1997 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سودا سىستېمىسىدىكى ئىلغار پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك
تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. مەكتەپ شتاتى 125. 1999 -
يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 62 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1280 نەپەر.