ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. شىنجاڭدا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئوتتۇرا
مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسى بولغان بودا بىلىم يۇرتى 1891 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 ـ كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى ئەڭ
يۇقىرى بىلىم يۇرتى ھەم كېجۇ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى تاللايدىغان ئورۇن ئىدى. تۆت كىتاب، بەش دەستۇر، خەت مەشىقى قاتارلىقلار دەرسلىك
قىلىپ ئۆتۈلۈپ، كېجۇ تۈزۈمىگە ماسلاشقان خادىملارنى تەربىيىلەيتتى. مەكتەپ ئادرېسى ئۈرۈمچى شىمالىي كۆۋرۈك (ھازىرقى 1 - ئوتتۇرا) دە بولۇپ،
شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ كۆپ قىسمى
بودا بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. 1906 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكە قارمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. مەكتەپ
ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى ۋە پېداگوگىكا سىنىپىنى بىردىن ئاچقان، ئوقۇتقۇچى 11 نەپەر، ئوقۇغۇچى 112 نەپەر ئىدى.
يېڭىدىن قۇرۇلغان پەنلەر تولۇق ئەمەس ئىدى. 1909 - يىلى قىشتا بېيجىڭدىن فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن تۆت نەپەرنى يۆتكەپ
كەلگەندىن كېيىن فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەر تەسىس قىلىنغان. 1907 - يىلدىن 1910 - يىلىغا قەدەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ ھەر
تەرەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان.
شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىل تاقىلىپ قالغان. 1920 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى
قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى قوبۇل قىلىنغان. ئورنى شەرقىي كىچىك قوۋۇق (ھازىرقى جيەنگو يولى ئېغىزى سەي بازىرى
بىلەن بىر قاتار) تا، ئوقۇتۇش تۈزۈمى تۆت يىللىق بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن تاللاپ ئىمتىھان ئارقىلىق 40 نەپەر رەسمىي
ئوقۇغۇچى، 20 نەپەر تەييارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، كېيىن تولۇقلىما ئىمتىھان ئارقىلىق يەنە سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا دۆلەت تىل ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، فىزىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، گىمناستىكا، مۇزىكا، قول ھۈنەرۋەنلىك، رۇس
تىلى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. ھەركۈنى تۆت سائەت دەرس ئوقۇلۇپ، تۆتىنچى يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە قانۇن، ئىقتىساد ئىككى دەرسلىك تەسىس
قىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى قانۇن ئۆگىنىشكە ئاساس سالغان. 1924- يىلى 1 - قارار ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن، قاتتىق تەلەپ قويۇپ
تاللاش ئارقىلىق 40 نەپەر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن 33 نەپىرى رۇس تىلى سىياسىي قانۇن مەخسۇس كۇرس مەكتىپى بىرىنچى قارار
سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1924 - يىلى كۈزدە ئىككىنچى قارار سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئوتتۇرا
مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1934 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دىخۇا ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوقۇتۇش تۈزۈمى - دەرس سائىتى
تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، لېكىن مەكتەپ تۈزۈلمىسىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئوقۇتۇش نازارەتچىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش باشقارما
مۇدىرى ۋە كەسپىي ئىشلار مۇدىرىنى بىردىن تەسىس قىلغان، مەكتەپتە ھەركۈنى ئالتە سائەت دەرس ئۆتۈلگەن، باشقا ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە
پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1920 - يىلى ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلگندىن كىيىن 1934-يىلىغا قەدەر 9سىنىپ قوبول قىلىنغان. ھەربىر سىنىپتا 30 دىن 40 غىچە بالا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. 1935 -
يىلى يۇشيۇسۇڭ ئۆلكىلىك دىخۇا 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئاشكارا ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزم - لېنىنزىم
نەزەرىيىسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە ماركسزم - لېنىنزمنى زۆرۈرۈ ئوقۇشلۇق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابى نەزەرىيىسىنى
ئۆگىنىشنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. شۇ يىلى كۈزدە بىرىنچى قېتىم مىللىي سىنىپ قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق
مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1934 -، 1935 -، 1937- يىللىرى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپتىن 280 نەپەردىن ئارتۇق
ئوقۇغۇچىنى تاللاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا پەلسەپە، ئىقتىساد، يېزا - ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، دوختۇرلۇق، سۇچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردە
سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. 1935 - يىلدىن 1941 - يىلغىچە بولغان ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كوممۇنىستلار ھەمدە نۇرغۇن
ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار زاتلارنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شىنجاڭنىڭ
ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە مەكتەپ يەنە نۇرغۇن ئىنقىلابى كادىرلارنى يىتىشتۈرۈپ
چىقارغان. 1942 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە شىڭ شىسەي مەكتەپكە قارىتا فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى
تۈرمىگە سولىغان. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ يېرىم پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 1944 - يىلى شىڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلىپ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
ئادەتتىكىدەك ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى سانى ئازلاپ كەتكەن. سىنىپلار قوشۇۋېتىلگەن. كېيىن مەكتەپ بىر قىسىم
ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلىغاندىن كېيىن ئوقۇتۇش ۋەزىيىتى نورمال ھالەتكە قايتقان. 1920 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە مەكتەپ 42 سىنىپ ئاچقان. 1945 -
يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرىغا قوشۇۋېتىلدى. شۇ يىلى 1 -
ئوتتۇرىنىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىلىرى 3 - ئوتتۇرا (دىخۇا ئۇيغۇر مەكتىپى) گە قوشۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1 - ئوتتۇرا مۇكەممەل ئوتتۇرا
مەكتەپ بولغان. 1946 - يىلى مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ <3.2> لىك تۈزۈمدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە
مەكتەپتە مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ھەربىي مەشىق باشقارمىسى، تەنبىھ - تەربىيە باشقارمىسى ۋە تەن جازاسى باشقارمىسى قاتارلىقلار
بىكار قىلىندى. ئىلمىي باشقارما، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. سىنىپ مۇدىرى تەسىس قىلىنىپ، مەكتەپكە ھەمكارلىشىپ دېموكراتىك
تەربىيە ئېلىپ بارغان. 1953- يىلى 1 - ئوتتۇرا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1954 - يىلى 8 - ئايدا، 1 -
ئوتتۇرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 1 - ئوتتۇرىنىڭ نامى ئۈرۈمچى 1 - تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلدى، 1957 -
يىلى 4 - ئايدا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ئەسلىگە كەلگەن ھەمدە ئۈرۈمچى 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ
نازارىتىگە تەۋە بولغان. 1966 - يىلى 5 - ئايدا مەكتەپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە دەرس توختاتقان. 1960 - يىلى 1 - ئوتتۇرا مەملىكەتلىك
قىزىل بايراقدار مەكتەپ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 1961 - يىلدىن 1962 - يىلغىچە 2 - باشلانغۇچ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە
قوشۇۋېتىلىپ، بىر تۇتاش ئوقۇتۇش شەكىللەنگەن. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە 1 - ئوتتۇرا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ
كومىتېتىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1982 - يىلى قايتىدىن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى
ياخشى باشقۇرۇلغان نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 1985 - يىلى مەملىكەتلىك <جانلىق ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشى> ئىلغار
كوللېكتىپى بولۇپ باھالاندى ھەم ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا سۇ ئۈزۈش
ئەنئەنىۋى تۈرلەر مەكتىپى بولۇپ باھالانغان. 1991 - يىلى مەملىكەتلىك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.
مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 21400 كۋادرات مېتىر. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 190 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1800
نەپەر.