شىنجاڭ ماشىنىسازلىق ئېلېكترون سانائەت مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1957 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلغان.
ئەسلى نامى شىنجاڭ سانائەت قاتناش قۇرۇلۇش مەكتىپى 1987 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ماشىنىسازلىق مەكتىپى،
ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ماشىنىسازلىق نازارىتى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ
مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگنە. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 78100 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 40000 كۋادرات مېتىر، ماشىنىسازلىق، ماشىنىسازلىقنى
بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كەپشەرلەش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش، كومپيۇتېر تورى، ئېلېكترون تېخنىكىسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى قورۇلۇشى،
سانائەت كارخانىلىرىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش قاتارلىق 22 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى
سانى 1900 دىن ئارتۇق، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 250 نەپەر.
بۇنىڭ ئىچىدە رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 105 نەپەر بولۇپ، ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن 33 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 38 ئادەم ئالىي
دەرىجىلىك ئىشچىلارنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە. 40 يىلدىن بۇيان تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچى 7000 نەپەر