تۇرپان رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
چوڭلار مائارىپى
تۇرپان ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇرپان رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1982-يىلى 7-ئايدىكى تەستىقىغا ئاساسەن مۇستەقىل قۇرۇلغان تۇرپان ۋىلايىتىدىكى رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى. پېداەوگىكا مەكتىپى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىي بولسا تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، 1976-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم كۆچكەن. 1998-يىلى 4-ئايدا ئۈچ مەكتەپ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۇرپان شەھىرى بوستانلىق غەربى يولى 8-نومۇردا تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 93240 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 28700 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇش بىناسى، كۇتۇپخانا، سەنئەت بىناسى، پەن - تېخنىكا بىناسى، تەجرىبە بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق، يەر يۈزى سۈنئىي ھەمراھ قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بلىلار فوندى جمئىيىتى ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنڭ بىرى. مەكتەپ مەدەنىي مائارىپ، قانۇن، بوغالتىرلىق، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، سودا - سانائەت باشقۇرۇش، سودا ستاتىستىكىسى،
ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، كومپيۇتېر، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل - سەنئەت، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ، تەجرىبە ئوقۇتۇش،
باشلانغۇچ مەكتەپ تەبىئىي پەن دەرسلىكى، بالىلار پېداگوگىكىسى قاتارلىق 27 كەسىپ تەسىس قىلغان. ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ
بارىدۇ. 1996-يىلدىن بۇيان بېيجىڭ چاۋياڭ پېداگوگىكا مەكتىپى، شىنجاڭ سانجى پېداگوگىكا مەكتىپى، خۇنەن 3-پېداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىق
مەكتەپلەر بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيەدىكى قىزىل بايراقدار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى
سانى 140 دىن ئارتۇق (ئالىي لېكتور 20، لېكتور 76)، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان يېتىشتۈرگەن تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى سانى 780.
پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىسى5000دىن ئارتۇق. تەربىيىلەنگەن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى 600 دىن كۆپرەك. ئاز سانلىق مىللەت
ئوقۇتقۇچىلىرى 4000 دىن كۆپرەك.