UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

شىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر - يىلى قۇرۇلغان، 1994 - يىلى ئاپتوموبىل كەسپى تەربىيىلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىققان. مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئېلېكترلەشكەن دەرسخانا، كومپيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سىنىپى، ئاپتوموبىل جازىسى، ئاپتوموبىل توك يولى، ئاپتوموبىل مودېلى قاتارلىق 6670 كۋادرار مېتىرلىق مەخسۇس سىنىپقا ھەم 20 دانە كومپيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان ئېلىش ماشىنىلىرىغا ئىگە بولۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بولغاندىن سىرت، 90 دانە چوڭ - كىچىك مەشىق قىلىش ئاپتوموبىلىغا ئىگە. A,B,C,D,E,F قاتارلىق ھەرخىل تۈرلەر بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان ئۇنىۋېرسال شوپۇرلۇق مەكتىپى. 2000 - يىلى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىسى 98 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى تەربىيىلەپ چىققان. ئىلگىرى - كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن شوپۇر تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئىچىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن 1996- ، 1997 -، 1998 - يىللىرى شوپۇر تەربىيىلەشتىكى ئىلغار ئورۇن، 1997 - يىلى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باھالىشىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئىلغار ئورۇن قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. 2000 - يىلى قاتناشق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك ئاپتوموبىل شوپۇر تەربىيىلەش مەكتىپى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى