UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى

ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى دېگەنلىك، ماركسىزمنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئومۇمىي كۆز قارىشى ۋە نۇقتىئىنەزىرى. ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ مەزمونى مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمونى: مەدەنىيەت تارىخىيىىق ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. ئىنسانلار تارىخىدىكى ھەربىر خىل ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي فورماتسىيە ئۆزىنىڭ تارىخىي پۈتۈنلۈك سۈپىتىدىكى مەدەنىيەت تىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەلگىلىك مەدەنىيەت بولسا، بەلگىلىك جەمئىيەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاڭ فورماتىسيىسىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا بولغان رولى پاسسىپ ياكى كىچىك بولمايد؛ مەدەنىيەت سىنىپىيلىققا ۋە ئاڭ فورماتسىيىسىگە ئىگە. ماركسىزمنىڭ قارىشىچە، ئاڭ فورماتسىيىسىدىكى مەدەنىيەت (تەبىئىي پەن، قىسمەن فىلولوگىيە پەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سەنئەت، ئەخلاق، سىياسىي، قانۇن، ئىدىيە، دىن، پەلسەپە ۋە كۆپ قىسىم ئىجتىمائىي پەن قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە بۇ بۆلەك ئاڭ فورماتسىيىسى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىس ۋە سىياسىي قانۇن تۈزۈملىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بىۋاستە ئىنكاسى. ئۇ بەلگىلىك سىنىپىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەچەك، روسەن سىنىپىيلىققا ئىگە بولىدۇ. مەدەنىيەت مىللەت ۋە ئىنسانىيەت خاراكتېرگە ئىگە. مىللەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت مىللەت خاراكتېرىگە ئىگە بولغان. مىللەت شەكلىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، مىللىي ئەنئەنە شەكىللەنگەن. بىراق ئوخشاش تارىخىي مۇھىت ياكى ئوخشاش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھالىتى قىلىپ ھەمدە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنىڭ تەرەققىياتى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئىگە قىلىپ، تەدرىجىي ئورتاق نەرسىلەر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەتتە ئىنسانىي ئالاھادىلىك ئىپادىلەندۈرىدۇ. مەدەنىيەت ۋارىسچانلىققا ۋە ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى تارىخىي ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە. ئىجتىمائىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۈزلۈكسىز بولۇشىنىڭ ئاساسى. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، مەدەنىيەت ھامان تارىخنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مەدەنىيەت ئۆز تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنى ئۆزگەرتىدۇ. مەدەنىي مىراسلار مەسىلىسىگە قارىتا، ماركسىزم كونىنى تىرىلدۈرۈش ۋە مەدەنىيەت مەۋھۇمچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىش، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلپ، يېڭىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە، ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىسى كۈنسايىن ئومۇملىشىشى ۋە كەك دائىرىدە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىمۇ كۈنسايىن بىر - بىرىگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ بىر خىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان ئوبيېكتىپ جەريان. بۇ جەريانغا بولغان مۇئامىلىدە ماركسىزم بۇ جەرياننى تېزلىتىۋېتىشكە ھەم مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئۈچۈن تەنھا ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق بۇ جەريانغا توسالغۇ بولۇشقا قارشى تۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەتنى بەرپا قىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆتمۈش زاماندىكى مەدەنىيەت بىلەن چەك - چېگرىنى ئېنىق ئايرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆتمۈش زاماندىكى بارلىق ئاكتىپ بولغان مەدەنىيەت مېۋىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم. سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەتنىڭ مەقسىتى يېڭى ئادەملەرنى يارىتىش. يېڭى ئادەملەرنى يارىتىش دېگەنلىك، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مۇستەھكەم بولغان ئېتىقادىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجادىي خىزمەتلەردىكى يېتەكچى ئىدىيە قىلىش، ئۇلارنى كوممۇنىزملىق دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، يۈكسەك ئەخلاقىي - پەزىلەت ۋە مول روھىي دۇنياغا ئىگە قىلىش، پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزۈلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەۋلامۇ ئەۋلاد غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان بولغان سوتسىيالىزم پۇقرالىرىدىن قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى | UyghurWiki | UyghurWiki