UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىتولۇق كۇرس مائارىپى

تولۇق كۇرس مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ئالىي مەكتەپ ياكى ئىنستىتۇتلارنىڭ تەركىبى قىسمى، تەييارلىق ياكى مەخسۇس كۇرسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگودا ئوقۇش يىلى تۆت يىل (تېببىي ئىلىم قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ ئوقۇش يىلى ئۇزۇنراق) بولۇپ، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشنىڭ زۆرۈرۈ شەرتى. تولۇق كۇرس مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قەدەر سىستېمىلىق ھالدا شۇ كەسىپ، شۇ پەندىكى زۆرۈرۈ بولغان ئاساسىي نەزەرىيە بىلىملەرنى، شۇنداقلا شۇ كەسىپتىكى زۆرۈرۈ بولغان ئاساسىي ئىقتىدار، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئەمەلىي خىزمەت قىلىش ۋە تەتقىقات خىزمىتى قىلىش ئىقتىدارىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئىگە قىلىدۇ. 1999 - يىلى رايونىمىزدىكى 17 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ 13 بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 37243 نەپەر ئىدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
تولۇق كۇرس مائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki