UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى

ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى

شىنجاڭ مائارىپى مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى بىر نەپەر ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى كۆرسىتىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ 1961 - يىلدىكى <ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار شتاتى ئۆلچىمى سىناق لايىھىسى> دە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى ئالىي مەكتەپلەردە 1:7 - 1:6.5؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 1:18؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 1:20؛ باشلانغۇچ مەكتەپتە1:35بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1985 - يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى، ئەمگەك كادىرلار مىنىستىرلىكىنىڭ <پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ خادىملار شتات ئۆلچىمى (سىناق لاھىيىسى)> دە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى 1:1.95- 1:1.8 بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1:19.8،1:15.5، 1:12.1، 1:12.9 ۋە1:7.2.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى