ئالاھىدە مائارىپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئالاھىدە مائارىپ
ئالاھىدە لايىھىلەنگەن دەرسلىك، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ ئالاھىدە بالىلار ۋە
ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيەنى كۆرسىتىدۇ. ئالاھىدە تەربىيە بولسا مەملىكىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ بىر ئورگانىك تەركىبىي
قىسمى ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 1959 - يىلى شىنجاڭدا تۇنجى ئالاھىدە مائارىپ تەربىيىلەش مەكتىپى -
ئۈرۈمچى ئەما، گاس - گاچىلار مەكتىپى قۇرۇلدى. دەسلەپتە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغاندا پەقەت ئىككى ئوقۇتۇش سىنىپى، 20 دىن ئارتۇق ئەما، گاس -
گاچا ئوقۇغۇچىسى ۋە 10 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى بار ئىدى.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلدە رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە مائارىپى توختاپ قېلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي
يىغىنىدىن كېيىن رايونىمىز ئالاھىدە مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1978 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك گاس - گاچىلار مەكتىپى
قۇرۇلدى. 1983 - يىلى شىخەنزە شەھىرىدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ھۆكۈمەت ياردەم قىلىدىغان گاس - گاچىلار مەكتىپى قۇرۇلدى. 1984 - يىلىغا
كەلگەندە پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن جەمئىي ئۈچى بارلىققا كېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەر 146
نەپەرگە، ئوقۇتۇش سىنىپى 40 قا، ئوقۇغۇچى 666 نەپەرگە يەتتى. 1984 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتىنى
مائارىپ تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. ھەم توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى ۋىلايەت،
ئوبلاست، شەھەرلەردە بىردىن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى قۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە
مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەر ئالاھىدە سىنىپى تەسىس قىلىپ، مېيىپ بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ
سىنىپلىرىغا كىرىپ ئوقۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، ئالاھىدە مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا
تېزلەتتى. ئاپتونوم رايون توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش ئاساسىدە، مېيىپ بالىلارنىڭ مەكتەپكە
كىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكەن تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مېيىپ بالىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى.
ھەرقايسى گاس - گاچىلار مەكتەپلىرىنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەسپىي تېخنىكا مائارىپى دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، مېيىپ
بالىلارنىڭ تېخنىكا ئارتۇقچىلىقلىرىنى يېتىلدۈردى. 1990 - يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئاپتونوم
رايوندىكى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى ئىچىدە تەسىس قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپىدە ئالتە ئۇۋۇلاش كەسپىي سىنىپى تەسىس قىلىنغان. 1993 - يىلى بىرىنچى قارارلىق ئوۋۇلاش مەخسۇس كۇرس
سىنىپى قوبۇل قىلىنغان. 1993 - يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈن كۈنلۈك جۇڭيىچە داۋالاش مەخسۇس كۇرس
سىنىپى قوبۇل قىلغان. 1999 - يىلغا كەلگەندە رايونىمىزدا ئەمالر مەكتىپىدىن بىرسى، ئادەتتىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەما
بالىلار سىنپىدىن ئىككىسى، گاس - گاچىلار مەكتىپىدىن ئالتىسى قۇرۇلۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 749 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر 300
نەپەرگە يەتتى. ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرە تەسىس قىلىنغان ئەقلى ئاجىز بالىلار سىنىپىدىن 31 سى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار 311 نەپەرگە
يەتتى. ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئەقلى ئاجىز بالىلار 4836 نەپەرگە، مېيىپلر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتىپى بىرگە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار
398 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر 57 نەپەرگە يەتكەن. ئەما بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 3.99 پىرسەنتكە، گاس - گاچا بالىلارنىڭ
مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 5.99پىرسەنتكە، ئەقلى ئاجىز بالىلارنىڭ مەكتەپ كىرىش نىسبىتى 41.3 پىرسەنتكە يەتكەن. رايونىمىزدا يەنە ئاپتونوم
رايوندىكى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋە ئەقلى ئاجىز بالىلارنىڭ
ئەقلى قۇۋۋىتىنى ئۆلچەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خادىملىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى.
ھازىرغا قەدەر رايونىمىز ئالاھىدە مائارىپى بەلگىلىك كۆلەمگە يېتىپ، بەلگىلىك ساندىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى تايانچى قىلغان. ئالاھىدە
مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىنى ئاساس قىلغان. نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى تەسىس
قىلىنغان ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مېيىپ بالىلارنىڭ ئادەتتىكى سىنىپىلارغا كىرىپ ئوقۇش گەۋدە قىلىنغان، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي
مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان
ئالاھىدە مائارىپ ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.