UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك 56 - باشلانغۇچ مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 56 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى سايباغ رايونلۇق پارتكۇم، ھۆكۈمەت5، ئاقما نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1989 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى يامالىق تېغىدا قۇرغان مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 56 - باشلانغۇچ مەكتەپ دەپ ئاتالغان. سايباغ رايونىغا تەۋە، 1994 - يىلى سايباغ رايونى مەبلەغ سېلىپ 1280 كۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش بىناسى سېلىپ بەردى ۋە كېيىنكى يىلى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە مۇنتىزىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلغان كۆچمەن خەلق مەكتىپى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى 80 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 30، ئوقۇغۇچى سانى 1460 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى