چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر شىبە ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان، شىبە، خەنزۇ
تىلىدا ئوقۇتۇش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ. 1948 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا
شەھىرىگە جايلاشقاندىن كېيىن 1949 - يىلى چاپچال ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 160000 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى
7709 كۋادرات مېتىر. يېقىنقى يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل پەنلەردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ 27 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1988 -
يىلى <مائارىپ ئىلمى> ژۇرنىلى تۈزگەن <قۇڭگودىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر توپلىمىغا> كىرگۈزۈلگەن. 1996 - يىلى <مەملىكەتلىك
ئېلېكترلەشكەن مائارىپتىكى سىناق مەكتەپ>، <مەملىكەتلىك تەنتەربىيىدە ئىلغار مەكتەپ> بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى
1100 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 123 نەپەر.